يەمەندە يېڭى كېلىشىم ئىمزالاندى

يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا رىياد كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدا يېڭى كېلىشىم ئىمزالاندى.

1401731
يەمەندە يېڭى كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچىلىق قىلىش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى مەنسۇر مىكرات 2019-يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان سۈركىلىشتە بولغان ئىككى تەرەپنىڭ رىياد كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش مەقسىتىدە قايتىدىن كېلىشىم ئىمزالىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ رىياد كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى مەقسەت قىلغان مېخانىزم مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىپ، ھەربىي توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، پايتەخت سانائادىكى كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2020-يىلى نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نازارىتىدە يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا رىيادتا كېلىشىم ئىمزالانغان، ئەمما كېلىشىمنىڭ خەۋپسىزلىك ماددىلىرى ئىجرا قىلىنمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر