ئىراندا «ھاراق ۋۇخەن ۋىرۇسى دىن قوغدايدۇ» دېگەن مىش مىش سۆزلەر 320 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىراندا «ھاراق ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) دىن قوغدايدۇ» دېگەنگە ئىشىنىپ، ساختا ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 320 گە يەتتى.

1389352
ئىراندا «ھاراق ۋۇخەن ۋىرۇسى دىن قوغدايدۇ» دېگەن مىش مىش سۆزلەر 320 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران يېرىم رەسمىي «فارس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كىيانۇش جىھانپۇر سىن يىغىنى ئارقىلىق ئاخبارات ئېلان قىلغان ۋە  6 - مارتتىن بېرى 3 مىڭ 117 كىشىنىڭ ساختا ھاراقتىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

كىيانۇش جىھانپۇر ساختا ھاراقتىن زەھەرلەنگەن 666 كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ 73 نەپىرىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىيانۇش جىھانپۇر ساختا ھاراق سەۋەبىدىن بۈگۈنگە قەدەر 320 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 62 كىشىنىڭ كۆزىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراندا ساختا ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىندى. تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە يۈزمىڭلىغان لىتىر ئىسپىرت قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر