ئىراننىڭ 3 ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى67 گە يەتتى

ئىراننىڭ ھۇزىستان، ئەلبورز ۋە مازەندەران ئۆلكىلىرىدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە 67 كىشى ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلدى.

1376586
ئىراننىڭ 3 ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى67 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاھۋاز جۇندىشاپۇر سەھىيە پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى ئېھسانپۇر ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 6 - مارتتىن بۇيان ھۇزىستان ئۆلكىسىدە ساختا ھاراق ئىستېمال قىلىپ زەھەرلەنگەن 502 كىشىنىڭ دوختۇرخانىلارغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلى ئېھسانپۇر ھۇزىستاندا ساختا ھاراق ئىچكەن 40 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ھەتتا 15 ياشلىق بىر بالىنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلدى.

ئېھسانپۇر: «بەزى ھايانكەشلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ھاراقنىڭ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز چۆچەكلەرنى تارقاتتى. ئەسلىدە ھاراقنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسنى داۋالاشتا ھېچقانداق رولى يوق» دېدى.

ئاھۋاز باش تەپتىشى ئەلى بەيرانۋەند ساختا ھاراق ​​تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، 17 كىشىنىڭ نەزارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەلبۇرزدا 15 كىشى، مازەندەراندا 12 كىشى ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلدى. شۇنداق قىلىپ، ساختا ھاراق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانى 67 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر