ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ ئىككى ئەزاسىمۇ كارانتىن قىلىندى

دۇنيادا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 110 مىڭ 90 غا چىقتى. ۋىرۇس سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسىمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە.

1374847
ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ ئىككى ئەزاسىمۇ كارانتىن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەت، ئىتالىيە بولدى. ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېڭىدىن 133 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 366 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 19 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 1126 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن يېڭىدىن يەتتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 17 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 600 دىن ئاشتى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يۇقۇملانغانلارغا يېڭىدىن 64 كىشى قېتىلدى ۋە بۇ سان 273 كە چىقتى.

شىۋېىيتسارىيە ئىككى كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 332 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 30 ۋەقە كۆرۈلگەن پورتۇگالىيەنىڭ پىرېزىدېنتى مارسېلو رېبېلو سوۋسا (Marcelo Rebelo de Sousa) ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە ئىككى ھەپتىلىك بارلىق پىروگراممىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 902 گە، بېلگىيەدە 99 غا، گىرېتسىيەدە 73 كە، دانىيەدە 35 كە، چېخىيەدە 26 گە، پولشادا 19 غا، رۇمېنىيەدە 15 كە، ۋېنگرىيەدە يەتتىگە ۋە سىلوۋېنىيەدە ئۈچكە چىقتى.

ئالبانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقە كۆرۈلدى.

ئامېرىكا مەسئۇللىرى ۋاشىنگتوندا 18، فلورىدادا ئىككى ۋە كالىفورنىيەدە بىر بولۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي 22 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى(CDC)  خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن كەلگەن ۋە كالىفورنىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ساقلىتىلىپ قويۇلغان 3500 كىشىلىك يولۇچىلار پاراخوتىنى قوشقاندا، 33 ئىشتاتتا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان كىشىلەر سانىنىڭ 554 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇز (Ted Cruz) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى پاۋۇل گوسار (Paul Gosar) ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان بىر كىشى بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى كارانتىن قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر