سەئۇدى ئەرەبىستان ھاماس ئەزالىرىنى سوتلاشنى باشلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پەلەستىنلىك ۋە ئىيوردانىيەلىك ھاماس ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى سوتلىنىشقا باشلىدى.

1374475
سەئۇدى ئەرەبىستان ھاماس ئەزالىرىنى سوتلاشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى ھازىم قاسىم سەئۇدى ئەرەبىستان ئورگانلىرىنىڭ پەلەستىنلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنى تۇتۇپ، سوتقا تارتىشىنىڭ تولىمۇ ئازابلىق ئىش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى ھازىم قاسىم ھاماسنىڭ بۇ ۋەقەنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن (8-مارت) سەئۇدى ئەرەبىستان جىنايى سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلغان مۇھەممەد ئەل خۇدارى (81) نىڭ ئىنىسى ئابدۇلماجىد ئەل خۇدارى، ئاكىسىنىڭ ھاماسنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىكەنلىكىنى ۋە 2018-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئابدۇلماجىد خۇدارى ئاكىسى بىلەن جىيەنى ھانى ئەل خۇدارىنىڭ تۈنۈگۈنكى سوتىدا، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ۋە تەشكىلاتقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئابدۇلماجىد خۇدارى 2-قېتىملىق سوتنىڭ رامىزان (2020) ئېيىنىڭ 12-كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاماس ھەرىكىتى 2020-يىلى 9-سېنتەبىر 20 يىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن «مۇناسىۋەتلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل» بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى مۇھەممەد ئەل خۇدارى ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەركىزى جەنۋەگە جايلاشقان ياۋرو-ئاقدېڭىز كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيى 2019-يىلى 6-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خۇدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 پەلەستىنلىكنى سەۋەبسىز تۇتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر