كابۇلدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا سىياسىي رەھبەرلەر قاتناشقان بىر پائالىيەتتە قوراللىق ھۇجۇم ۋە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1373291
كابۇلدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كابۇلنىڭ مۇساللا رايونىدا ھازارلارنىڭ سابىق رەھبىرى ئابدۇل ئەلى مەزارىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، ئالىي تىنچلىق شۇراسىنىڭ رەئىسى كەرىم خالىلى سۆز قىلىۋاتقاندا، بومبا ھۇجۇمى ۋە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى.

پائالىيەتتە، ھازارلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد مۇھاككىكمۇ بار بولۇپ، ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆزئارا ئېتىشىش چىقتى.

ئامېرىكا-تالىبان كېلىشىمى

ئامېرىكا بىلەن تالىبان تەخمىنەن ئىككى يىل مۇزاكىرە قىلىۋاتقان تىنچلىق كېلىشىمى بويىچە، تالىباننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئافغانىستاندىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى 2021-يىلى ئاپرېل ئېيىغىچە چېكىندۈرىدۇ.

ئامېرىكا تەخمىنەن 14 مىڭ ئەتراپىدىكى ئەسكىرىنىڭ 5 مىڭىنى بۇ يىل ماي ئېيىغىچە چېكىندۈرۈوپ بولىدۇ. تالىبان بىلەن كابۇل ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا سىياسىي دىيالوگ باشلىنىدىغان 10-مارتقىچە (2020) ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 5 مىڭ مەھبۇسنى؛ تالىبان تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تالىبان رەھبەرلىرىگە قارىتا يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى بۇ يىل (2020) ئاۋغۇست ئېيىغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە خىزمەت ئىشلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئافغانىستاننىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقى ياكى زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق كۈچ ئىشلىتىش ۋە مەجبۇرلاش تەھدىتىدىن يىراق تۇرىدۇ.

تالىبان بولسا، باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافغانىستان زېمىنى ئارقىلىق ئامېرىكاغا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، شۇنداقلا ھەمكارلاشمايدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا 2001-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە پەقەت ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈنلا 975 مىليارد دوللار خەجلەنگەن. ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھە ياردەملىرىنى قوشقاندا، بۇ سان 1 تىرىلىيون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. ئامېرىكا بۇ مەزگىلدە 2400 ئەسكىرىدىن ئايرىلغان.

تەرەپلەر تالىباننىڭ يېڭى مەزگىلدە دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قانداق قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلمىدى. ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تالىبان ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، تالىباننىڭ پاكىستاندىكى مەركىزىنى ئافغانىستانغا يۆتكەش شەرتىنى قوشتى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر