ئامېرىكا ئەسكەرلىرى 10 كۈن ئىچىدە چېكىنىشكە باشلايدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر (Mark Esper) ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى10 كۈن ئىچىدە چېكىندۈرۈشكە باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1371238
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى 10 كۈن ئىچىدە چېكىنىشكە باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر، ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مارك مىللېي بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا شەنبە (2020-يىلى 29-فېۋرال) كۈنى تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بويسۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئافغانىستاندا توقۇنۇشلارنىڭ كۆرۈنەرلىك سەۋىيەدە ئازىيىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كېلىشىم بويىچە ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانىنى 135 كۈن ئىچىدە 8600 غا قىسقارتىمىز. بۇ چېكىنىش دەسلەپكى 10 كۈن ئىچىدە باشلىنىدۇ. ئۇ يەردىكى قوماندانلارغا بەرگەن يوليورۇقۇم <بۇنى قىلايلى، ياخشى نىيىتىمىزنى ۋە تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتەيلى> شەكلىدە بولدى.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 8600 ئەسكەرنىڭ يېتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەھۋالغا قارىتا، زۆرۈر تېپىلغاندا، چېكىنىشنى توختىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى بېكىتكەن سەۋىيەگە قىسقارتقاندىن كېيىن، ئافغانىستاندا بۇ ھەربىي كۈچ بىلەن يەنە بىر مەزگىلگىچە پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى؛ سىياسىي ھەل قىلىش پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇلارنىمۇ چېكىندۈرۈشكە باشلايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر