ترامپ غېنىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنى دۆلىتىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى تۈپەيلى تەبرىكلىدى.

1371135
ترامپ غېنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى جۇد دېرې تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ترامپنىڭ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىغا تېلېفون قىلىپ، دۆلىتىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى تەبرىكلىگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا – ئافغانىستان ئورتاق باياننامىسى، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش كېلىشىمىنىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكى، تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن باسقۇچلىرىدا داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرۇش  قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.»

ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش كېلىشىمى تەخمىنەن ئىككى يىل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئىمزالانغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 135 كۈن ئىچىدە 8 مىڭ 600 گە  چۈشۈرۈش نىشان قىلىنغان كېلىشىمدە مۇنۇ مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىلگەنىدى: «<تالىبان> نامى بىلەن بىلىنىدىغان ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى، كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى 14 ئاي ئىچىدە دۆلەتتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.»

كېلىشىمدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تۇتقۇن ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر