ئامېرىكا بىلەن تالىبان كېلىشىم ئىمزالىدى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تىنچلىق مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1369932
ئامېرىكا بىلەن تالىبان كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئەشرەف غېنى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتتا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ 29-فېۋرال (2020) دا قاتاردا ئىمزالانغان ئامېرىكا-تالىبان تىنچلىق كېلىشىمىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

پىرېزىدېنت ترامپ تىنچلىق مەسىلىسىدە بۇندىن كېيىنكى باسقۇچلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مەسىلىسىدە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

«ئافغانىستانغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىش كېلىشىمى» دەپ نام بېرىلگەن كېلىشىم، 29-فېۋرال ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن ئىككى يىل بويىچە داۋام قىلغان ئۇچرىشىشلارغا ساھىبخانلىق قىلغان قاتار پايتەختى دوھادا ئىمزالاندى.

كېلىشىمگە، ئامېرىكاغا ۋاكالىتەن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد، تالىبانغا ۋاكالىتەن سىياسىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى موللا ئابدۇلغەنى ئىمزا قويدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئافغانىستانغا ئورۇنلاشقان ئەسكەرلەر سانىنى 135 كۈن ئىچىدە 8600 گە چۈشۈرۈش تەكلىپ قىلىنغان كېلىشىمدە، «تالىبان كېلىشىمگە بويسۇنغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى 14 ئاي ئىچىدە بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا مەھبۇسلارنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن كېلىشىمدە يەنە، «تالىباننىڭ 5 مىڭ ئەزاسى، قارشى تەرەپتىكى مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ، ئافغانىستاندا سىياسىي دىيالوگ باشلىنىدىغان 2020-يىلى 10-مارتقىچە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

كېلىشىمدە، تالىباننىڭ قويۇپ بېرىلىدىغان ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلماسلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىلگەنلىكى تەكىتلەندى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر