ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى خالىلزاد بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد تالىبان بىلەن بولغان تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئىجابىي ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، بىرلىكتە تىرىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1360702
ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى خالىلزاد بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد تۋىتتېردا تالىبان بىلەن بولغان تىنچلىق مۇساپىسى توغرىسىدا بايانات قىلدى.

ئۇ: «ئافغانىستاندا تەخمىنەن 40 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت يارىتىلدى. بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش لازىم. تالىبان بىلەن بولغان تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئىجابىي ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىش لازىم» دېدى.

ئۇ تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇساپىدىن يامان نىيەتتە پايدىلانماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ئۈچۈن چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقان تالىبان تەشكىلاتى، ئافغانىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەن تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىنى باشلاش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ھەرىكەت قىلغان ۋە بۇ رامكىدا تىنچلىق كېڭىشىنى قۇرغان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتكە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشكە يەتمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر