قاتار باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

قاتار باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن ناسىر خەلىفە ئالسانى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1348987
قاتار باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (QNA) نىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە خەۋەر قىلىشىچە، ئەمىير شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى ئۇنىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغان، ئاندىن خالىد بىن خەلىفە بىن ئابدۇلئەزىز ئالسانىنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، ئالسانىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر