ترامپ: تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن تالىبان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئازايتىشى كېرەك

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئافغانىستاندىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن تالىباننىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1345947
ترامپ: تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن تالىبان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئازايتىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى دائىرىسىدە ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى؛ ئاقساراي مەزكۇر ئۇچرىشىش توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈردى. باياناتتا، «پىرېزىدېنت ترامپ، ئافغانىستاننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تالىباننىڭ كۆرۈنەرلىك شۇنداقلا ئۈزۈل – كېسىل ھالەتتە زوراۋانلىقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى سىددىق سىددىقى يۇقىرىقى باياناتتىن بۇرۇنلا بايانات بېرىپ، تالىباننىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە ھالدا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوق چىقىرىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

تالىباننىڭ قاتاردىكى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇھەيل شاھىن بولسا ئىجتىمائىي تاراتقو تورى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ۋەكىلى بىلەن تالىبان مەسئۇللىرىنىڭ قاتاردا داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر