شام نامىزى ئۆتەۋاتقان مەسچىت جامائىتى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ بېلۇجېستان ئۆلكىسىنىڭ كۇئېتتا شەھىرىگە قاراشلىق گۇساباد رايونىدىكى بىر مەدرىسىنىڭ مەسچىتىدە پارتلاش يۈز بەردى.

1338843
شام نامىزى ئۆتەۋاتقان مەسچىت جامائىتى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ بېلۇجېستان ئۆلكىسىنىڭ كۇئېتتا شەھىرىگە قاراشلىق گۇساباد رايونىدىكى بىر مەدرىسىنىڭ مەسچىتىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، بىرى ساقچى، بىرى مەدرىسە ئىمامى بولۇپ جەمئىي 15 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 19 ئادەم يارىلاندى، يارىدارلاردىن ئۈچىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بېلۇجېستان ئۆلكىلىك ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى لىياقات شاھۋانى، ھۇجۇمنىڭ بىر ئادەم بومبا تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، پارتلاشنىڭ 60 تەك ئادەم شام نامىزىغا تۇرغان پەيتتە يۈز بەرگەنلىكىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ قىستاڭچىلىقتا دەسسىلىپ كېتىپ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھۇجۇمدىن كېيىن پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. پاكىستان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى، باش مىنىستىر ئىمراخاننىڭ يارىدارلارنى پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ داۋالاش ۋە تېگىشلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر