مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئىراقتىن چېكىنىش پىلانىنىڭ يوقلىقىنى ئېلان قىلدى.

1335946
مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مارك ئېسپېر، ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنى چاقىردى.

مارك ئېسپېر ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن رايونغا قوشۇمچە ئەسكەر يوللىغانلىقىنى ئېيتتى.

مارك ئېسپېر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇغۇلا قىلىنىۋاتقان مەكتۇپ ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئىراقتىن چېكىنىشكە دائىر ھېچقانداق قارارىمىز يوق. مەكتۇپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز. مەكتۇپنى تەكشۈرۈۋاتىمىز، بىراق چېكىنىشكە دائىر بىرەر قارار ياكى پىلانىمىز يوق» دېدى. 

مارك ئېسپېر يەنە، «رايوندىكى ئەسكەرلىرىمىزنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇۋىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر مەكتۇپنى بىر قېتىم ئوقۇپ باقتىم. مەكتۇپنىڭ راس ياكى يالغانلىقى ھەققىدە سىلەرگە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بىراق سىلەرگە شۇنى ئېيتالايمەنكى، مەكتۇپ بىزنىڭ سالاھىيىتىمىزغا ماس كەلمەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قوماندانىنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىگە بىر مەكتۇپ يوللاپ، ئىراق پارلامېتىنىڭ قارارى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن ئىراقتىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر