ئەشرەف غېنى پومپيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1334596
ئەشرەف غېنى پومپيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، غېنىنىڭ پومپيوغا، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئافغانىستان زېمىنلىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ياكى باشقا رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، غەنىنىڭ، ئافغانىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ۋە قوشنا دۆلەت ئىراندىن جىددىيچىلىكنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئافغانىستاننىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە بارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى شەكىلدە ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر