ئەشرەف غەنى قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى

ئافغانىستاندا كونكېرت بولمىغان سايلام نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ئەشرەف غەنى قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان.

1327543
ئەشرەف غەنى قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومېتىتى باشلىقى ھاۋا ئالەم نۇرىستانى ئاخباراتچىلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ مۇئەييەنلەشمىگەن نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. 

ھاۋا ئالەم نۇرىستانى ئەشرەف غەنىنىڭ %50.64 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاۋا ئالەم نۇرىستانى ئافغانىستان ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقى شۇنداقلا پىرېزىدېنت نامزاتى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھنىڭ ئىككىنچى رەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە گۈلبەددىن ھېكمەتيارنىڭ بولسا، ئۈچىنچى رەتتە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. 

سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ 2 مىليون كىشىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھېلە ئارىلاشتۇرۇلغان بېلەتلەرنى چىقىرىۋەتكەندە 1 مىليون 843 مىڭ كىشىنىڭ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. 

نامزاتلارنىڭ ئېتىراز ۋە شىكايەتلىرىنى سۇنالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، سايلامغا ئالاقىدار رەسمىي نەتىجىنى بولسا، ئېتىراز ۋە شىكايەت ئىلتىماسلىرى بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر