ئاۋام پالاتاسىدا دېموكراتلارنىڭ بىر ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئۆتتى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا پىرېزىدېنت ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئاۋاز تاشلاشتا، رەت ئاۋازى تاشلىغان دېموكراتلاردىن نىيۇ جېرسېي ۋەكىلى جېف بېن جرۇ (Jeff Van Drew) جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيەسىگە ئۆتتى.

1326718
ئاۋام پالاتاسىدا دېموكراتلارنىڭ بىر ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ، مۇئاۋىنى مايك پېنس، ئاۋام پالاتاسى ئاز سانلىقلار رەھبىرى كېۋىن م.ج كارسي(Kevin McCarthy)، جېف بېن جرۇ ۋە ھۆكۈمەتتىن نۇرغۇن كىشىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، ئوۋال ئىشخانىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ «مۇھىم ئۇقتۇرۇشىمىز بار» دېيىش بىلەن سۆزىنى باشلىدى ۋە: «جېف بېن جرۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ئەزا بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆزىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ماددىلىرىنىڭ تەستىقلانغانلىقى ھەققىدە: «ئاۋام پالاتاسىنىڭ قىلغىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ۋە خاتا ئىدى. ھازىر مەن، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ماددىلىرىنى ئاۋام پالاتاسىدا تەستىقلانغاندەك ھېس قىلمايمەن. چۈنكى بۇ ساختا» دېدى.

ئۇ دېموكراتلارنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ماددىلىرىنى ھازىرغىچە كېڭەش پالاتاسىغا سۇنمىغانلىقىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دېموكراتلار ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ماددىلىرىنى كېڭەش پالاتاسىغا ئەۋەتىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى قوللىرىدىكى ماتېرىياللاردىن خېجىل بولىدۇ» دېدى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىدىن سايلانغان ئەزاسى جېف بېن جرۇ 18-دېكابىر كەچتە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلغان پىرېزىدېنت ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئاۋاز تاشلاشتا، رەت ئاۋازى تاشلىغان ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ 2019-يىلى 25-ئىيۇلدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي (VladimirZelenskiy) بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، رەقىبى جو بايدىن ۋە ئائىلىسىنى تەكشۈرگەن ئەھۋالدا ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان مۇخبىر دوكلاتى، پىرېزىدېنت ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكشۈرۈشلىرىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە پىرېزىدېنت ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ماددىلىرى تەستىقلانغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىغا ئەۋەتىلمىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر