نىگېرىيەدە ئالتۇن كان ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئاۋ ئۆلكىسىدە بىر ئالتۇن كان ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1325977
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زاۋان رايونىنىڭ مەسئۇلى گۋوتتسون فومنىڭ يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، پلاتېئاۋ ئۆلكىسىنىڭ زاۋان رايونىغا جايلاشقان ۋە 50 ئىشچى ئىشلەيدىغان بىر ئالتۇن كان ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ۋەقەدىن كېيىنكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 6 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان بولۇپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.