ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان كورېيەلىك ئاياللارنىڭ دېلوسى تەكشۈرۈلمەكتە
جەنۇبىي كورىيەلىك ئاياللار كىشى بېشىغا تەخمىنەن 985 مىڭ لىرا تۆلەم تەلەپ قىلماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەلىك ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى جەزملەشتۇرۈلدى.
جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى يۇنھاپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2017 – يىلى ئاپرىلدىن 2019 – يىلى مارت ئېيىغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، جەنۇبىي كورېيە ئاياللىرىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۇرۇش مەزگىلىگە تەۋە 23 ھۆججەت بايقالغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشچە، 1993 – يىلى ياپونىيە مىنىستىرلار كابېنتى باش كاتىبى يوھەي كونو ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەزكۈر ۋەقەلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ناھەقچىلىققا ئۇچرىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىغان.
جەنۇبىي كورېيەدە ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئاياللارغا تۆلەم تۆلەش دېلوسىغا ئالاقىدار تۇنجى سوت ئالدىنقى ئاي ئېچىلغان ئىدى.
جەنۇبىي كورىيەلىك ئاياللار كىشى بېشىغا تەخمىنەن 985 مىڭ لىرا تۆلەم تەلەپ قىلماقتا.
ئاساسلىق كۆپ قىسمى كورېيە، فىلىپپىن، تايۋان ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 200 مىڭ ئايال 1910 – يىلىدىن 1945 – يىللىرىغىچە كورېيە يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلغان ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئاياللارغا تۆلەم تۆلىنىشى ئۈچۈن 2015 – يىلى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقان ئىدى.
كېلىشىم دائىرىسىدە، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان كورېيەلىك ئاياللار مەسلىسى ھەققىدە قەتئىي، ئۆزگەرمەس شەكىلدە قارار ماقۇللاشقا كېلىشكەن ئىدى.
ياپونىيە بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە، ھايات قالغان ئاياللارغا تۆلەم تۆلەش ئۈچۈن مەخسۇس فوند قۇرغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە جەنۇبىي كورېيە بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىدە يايونىيەنى ئەيىبلەيدىغان سۆز ۋە پوزىتسىيەلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا ماقۇل بولغان ئىدى.