باغدادىنىڭ ياردەمچىسى كەركۈكتە قولغا چۈشتى

دائېشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن رەھبىرى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ياردەمچىسى ئەبۇ خەلدۇن تەخەللۇسلۇق تېررورچى كەركۈكتە قولغا چۈشتى.

1317474
باغدادىنىڭ ياردەمچىسى كەركۈكتە قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىخەتەرلىك مېديا ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بۇ ھەقتە يەتكۈزۈلگەن ئاخباراتقا ئاساسەن كەركۈكنىڭ ھاۋىجە يېزىسىدا بىر ئۆينى ئاختۇرۇپ، باغدادىنىڭ ياردەمچىسى ئەبۇ خەلدۇننى قولغا چۈشۈرگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، شەلان ئۇبەيد ئىسىملىك يالغان كىملىك بىلەن يۈرۈيدىغان ئەبۇ خەلدۇن ھەم باغدادىنىڭ ياردەمچىسى، ھەمدە سالاھىدىن ۋىلايىتىنىڭ «ھەربىي ئەمىرى» ئىكەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رەھبىرى باغدادى ئۆكتەبىر ئېيىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر ئۆيگە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ئىراق دائىرىلىرى 2017 – يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت تېرروتېرىيەسىنىڭ دائېش ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، يەر ئاستى ئۇۋىلارغا ئىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سالاھىدىن، كەركۈك ۋە دىيالە ۋىلايەتلىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان «ئۈچ بۈرجەكلىك ئۆلۈم ئېغىزى» دەپ ئاتىلىدىغان رايوندا پات - پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر