شىنزۇ ئابى خىتاينى خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى خىتاينى خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

1312127
شىنزۇ ئابى خىتاينى خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىچكى كابېنت كاتىپى سۇگا يوشىھىدە باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.

سۇگا يوشىھىدە باياناتىدا، باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىنىڭ كۆرۈشۈشتە: «خوڭكوڭنىڭ <بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم> پىرىنسىپى ئاستىدا تەرەققىي قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى، رايوندا ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سىياسىي تۈزۈمنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى» بىلدۈرگەن.

 G20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەگە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى مەقسەت قىلغان ياپونىيە-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك دىيالوگ يىغىنىغىمۇ قاتناشتى.

يىغىندا، ياپونىيەلىك مۇخبىرلار ۋاڭ يىدىن يەكشەنبە (2019-يىلى 24-نويابىر) كۈنى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلاملاردا بېيجىڭغا قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغان.

ۋاڭ يى: «خوڭكوڭدا نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇشى داۋاملىشىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مۇخبىرلار يەنە، 2019-يىلى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ۋە يېقىنقى ھەپتىلەردە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان نامايىشلار توغرىلىقمۇ سوئال سورىغان.

ۋاڭ يى نامايىش توغرىسىدىكى سوئالغا: «خوڭكوڭنى يوق قىلىشقا ياكى مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقىغا زىيان سېلىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ھەرىكەتلەر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خوڭكوڭ گەرچە خىتايغا قاراشلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ پۇلى، تىلى، قانۇن سىستېمىسى ۋە كىملىكى بار. رايوننىڭ مۇداپىئەسى ۋە تاشقى سىياسىتى خىتايغا قارايدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمى «بىر دۆلەت، ئىككىخى خىل تۈزۈم» دېيىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر