سۈرىيە كاپالەتچىلەر يىغىنى 10-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدۇ

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەۋبەردى 14-نۆۋەتلىك سۈرىيە كاپالەتچىلەر يىغىنىنىڭ 10-11-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1310873
سۈرىيە كاپالەتچىلەر يىغىنى 10-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەۋبەردى مۇخبىرلارنىڭ قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان كاپالەتچىلەر يىغىنىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى سوئالىغا: «ئۇچرىشىشلار 10-11-دېكابىر قىلىپ بېكىتىلدى» دەپ جاۋاب بەردى.

كاپالەتچىلەر يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىكى 2019-يىلى 1-2-ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا پۇقرالار نىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر