ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئەسكەر قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر (Mark Esper) سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا 600-500 ئەسكەر قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئاسىيا زىيارىتى دائىرىسىدە يېتىپ بارغان جەنۇبىي كورېيەدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىن چېكىندۈرۈش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «ئاخىرىدا، ئۇ يەردە 600-500 ئەسكىرىمىز بولىدۇ» دېدى.
ئۇ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئىراق ۋە ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ئېل تانف بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەخمىنەن 200 ئەسكەرنىڭ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «تىلغا ئېلىنغان سان سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالى ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ مۇخبىرنىڭ بىر سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكانىڭ ي پ گ|پ ك ك غا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتكەن ئەھۋالدا ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.