ئافرىندا تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسىدىكى ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1297732
ئافرىندا تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەتىگەن تەرەپلەردە ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 11 پۇقرا يارىلانغان. ئېغىر يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇۇرلغان بولۇپ، يارىلانغانلار ئارىسىدا ئىككى بالىمۇ بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق 2018 – يىلى 18 – مارت كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك دىن ئازاد قىلىنغان ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە، تېررورچىلار پات - پات بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار ئارقىلىق پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر