ئامېرىكا كۇباغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى چەكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پايتەخت ھاۋانا سىرتىدىكى كۇباغا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى چەكلىدى.

1295094
ئامېرىكا كۇباغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتناش ئىشلىرى مىنىسىرلىقىغا پايتەخت ھاۋانادىكى Jose Mart ئايرودۇرۇمىدىن باشقا بارلىق ئايرودۇرۇملارغا ئىشقا ئاشۇلۇرۇۋاتقان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ سەۋەبى، كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىگە زۇلۇم سېلىشى ۋە ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى قوللىشىدۇر. بۇ، نىكولاس مادۇرونى قوللاۋاتقان ۋە ئۆز خەلقىنى ئېزىۋاتقان كۇبا ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەدەل تۆلىتىش سىياسىتىدۇر. ھاۋانا سىرتىدىكى شەھەرلەرگىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى < American Airlines >  ۋە < JetBlue > ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىمۇ مەزكۇر چەكلىمە دائىرىسىدە پەقەت < Jose Marti > ئايرودۇرۇمىغىلا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر