ئافغانىستاندا ئۇنىۋېرسىتېتقا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 19 ئوقۇغۇچى يارىدار بولدى
ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە غەزنە ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ فاكۇلتېتۇتىنىڭ بىر سىنىپىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 19 ئوقۇغۇچى يارىدار بولدى.
1283899
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سېنىپقا ئورۇنشلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ ئوقۇغۇچىلار دەرس ئوقۇۋاتقان پەيتتە پارتلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمدا 19 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ياردارلاردىن 3 ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.