مېدۋېدېۋ كۇبادا زىيارەتتە بولدى

رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىتتىپاقدىشى كۇبادا زىيارەتتە بولدى.

1281838
مېدۋېدېۋ كۇبادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋېنېزۇئېلا ۋە نىكاراگۇئاغا ئوخشاشلا ئېمبارگولارغا ئارقىلىق بېسىم ئىشلىۋاتقان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يېقىندىن بۇيان يېقىلغۇ قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىشكە باشلىغان كۇبادا زىيارەتتە بولغان مېدۋېدېۋ بىلەن كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىئاز كانېل، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئورگانلىرى ئارا بىرقاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىكەن.

مېدۋېدېۋنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە، قاتناش، مەدەنىيەت، سېلىنما ۋە ئادەم بايلىقلىرى ساھەلىرىگە ئالاقىدار مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

 رۇسىيە خىتاي، ئىسپانىيە، ۋېنېزۇئېلا ۋە كانادا بىلەن بىرلىكتە كۇبانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، كۇبا رۇسىيەدىن 75 دانە پاراۋوز سېتىۋالغان.

 كۇبا كۈنىگە 42 ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، 62 ۋارىللىق ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ۋېنېزۇئېلادىن نېفىت سېتىۋالماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر