چىلى – ئارگېنتىنا چېگراسىدا يەر تەۋرىدى

جەنۇبىي ئامېرىكىغا جيلاشقان چىلى – ئارگېنتىنا چېگراسىدا 6.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.

1277475
چىلى – ئارگېنتىنا چېگراسىدا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگونىڭ جەنۇبىدىن 980 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئېنترې لاگوس رايونىدا يەرنىڭ تېگىدىن 128 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 6.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن. يەر تەۋرەش ئوسورنو، تېمۇكو، پۇئېترو مونت ۋە ئانكۇد قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ھېس قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى تېخىچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر