تېررورچىلار شەھەر مەركىزىنى توپقا تۇتتى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەلرىفئەت ناھىيەسىنى ئىشغال قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئافرىن شەھەر مەركىزىنى توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە ئىككى پۇقرا يارىلاندى.

1269029
تېررورچىلار شەھەر مەركىزىنى توپقا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرى  ئافرىننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ۋە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى   باشىلھايا يېزىسىدىن  ئافرىن شەھەر مەركىزىنى توپقا تۇتقان، ھۇجۇمدا ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئافرىندىن چىقىرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرى، ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەلرىفئەت رايونىدا ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەردىن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىغا پات - پات ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر