گوللاندىيەنىڭ دوردرېخت شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
گوللاندىيەنىڭ دوردرېخت (Dordrecht) شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روتتېردام ساقچى ئىدارىسى دوردرېخت شەھىرىنىڭ خېيمېرشتايىن (Heimerstein) كوچىسىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئائىلە تىراگېدىيەسى بولۇپ، ئۆيدە يۈز بەرگەن قوراللىق ۋەقەدە بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئىككى كىچىك بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. ئېغىر يارىلانغان بىر ئايال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. قوراللىق ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆيدە بىر ساقچى ياشايدىغان بولۇپ، نەق مەيدانغا نۇرغۇن ساقچى ۋە سەھىيە خادىملىرى ئەۋەتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش مەشىقىنى باشلىدى
رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلىدىغان مانېۋىرىنى باشلىدى.