خىتاي: بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى سەۋرچانلىقى ئاجىزلىق دەپ قارالمىسۇن

خىتاينىڭ رەسمىي مېدىيا ئورگانلىرى خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ياكى دېموكراتىيە بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1266150
خىتاي: بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى سەۋرچانلىقى ئاجىزلىق دەپ قارالمىسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەكشەنبە كۈنى نامايىشچىلار سىياسىي ئىسلاھات تەلەبلىرىنى قوللىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى چەت ئەللەرنىڭ خىتايغا قاراشلىق ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى. 

خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكارتىيە قانۇنىنى پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتىدىن پارلامېنتقا سۇنىغانلىقىغا دائىر باياناتلىرىدىن ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «چەت ئەللەرنىڭ قانۇن چىقىرش ئورگانلىرى ھېچبىر شەكىلدە خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى لازىم» دېيىلدى.

باياناتتا، خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررې لامنىڭ نامايىشلارنىڭ سەۋەبى بولغان تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «خىتاي چوڭ قۇرۇغلۇقىدىكى ۋە دېڭىز ھالقىغان دۆلەتلەردىكى قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ خوڭكوڭدا ئىناۋەتكە ئىگە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى يوقتۇر» دېيىلدى.

خىتاينىڭ رەسمىي مېدىيا ئورگانلىرى بولسا، نامايىشلارنىڭ ئارقىسىدا تاشقى كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا يۈرۈش قىلىشقاندىن كېيىن يۈز بەرگەن زورۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ ئاپتۇرى يېزىلمىغان باش ماقالىسىدا «خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ياكى دېموكراتىيە بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق. تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقەدۇر. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سەۋرچان پوزىتسىيەسى ئاجىزلىق دەپ قارالماسلىقى لازىم. شۇنى ئۇچۇق بىلدۈرۈپ قويىمىزكى، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ھەر قانداق تۈرى يەنچىپ يوق قىلىنىدۇ» دېيىلدى.

خوڭكوڭدا يەكشەنبە كۈنى مىڭىلغان نامايىشچى 14 ھەپتىدىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار دائىرىسىدە سىياسىي ئىسلاھات تەلەبلىرىنى قوللاشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان «خوڭكوڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى» نىڭ پالاتانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىنىشىنى تەلەب قىلىپ، ئامېرىكا كونسۇلخانىسغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئىدى.

«خوڭكوڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى» ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭغا سودا، ئېكسپورت ۋە سانائەت ساھەسى بويىچە ئالاھىدە ئېتىبارلىق مۇئامىلە قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى شۇنداقلا شەھەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى قوبۇل قىلىنغان 1992يىلىدىكى «ئامېرىكا خوڭكوڭ سىياسەت قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر