ئاۋستىرالىيەدە بەچچىۋاز پوپنىڭ ئالىي سوتقا سۇنغان ئەرزى رەت قىلىندى
ئاۋستىرالىيەلىك باش پوپ گېئورگې پېل كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بېرىلگەن قاماق جازاسىنى ئالىي سوتقا ئەرز قىلغان بولۇپ، ئەرزنامىسى ئالىي سوت تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيەنىڭ مىلبورن شەھىرىدىكى ۋىكتورىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى، بەچچىۋاز پوپ گېئورگې پېلنىڭ ئەرزنامىسىنى 1 گە قاشى 2 ئاۋاز بىلەن رەت قىلدى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى باسقۇنچىلىق قۇربانلىرىنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
ئاۋسترالىيەنىڭ مىلبورن شەھىرىدە 1996 – يىلىدىن 2001 – يىلىغىچە باش پوپ بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە بۇ جەرياندا 13 ياشلىق 2 نەپەر ئوغۇل ئۆسمۈرگە باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى سۇتتا ئىسپاتلانغان 78 ياشلىق باش پوپ گېئورگې پېل 2019 – يىلى 13 – مارتتا مىلبورن رايونلۇق سوت مەھكىسى تەرىپىدىن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئالىي سوتقا سۇنغان ئەرزى رەت قىلىنىشى بىلەن 6 يىللىق قاماق جازاسىنى تاماملىشى ئۈچۈن تۈرمىگە يوللانغان بەچچىۋاز پوپ گېئورگې پېلنىڭ ئەمدىلىكتە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.