ئايرودۇرۇمدا خىتايغا ئەتكەس قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان 2 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق ئالتۇن قولغا چۈشتى

كامېروننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شەھىرى دوئۇلا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا 2 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق ئەتكەس ئالتۇن قولغا چۈشۈرۈلدى.

1248449
ئايرودۇرۇمدا خىتايغا ئەتكەس قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان 2 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق ئالتۇن قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىل چىشى ساھىلىغا تەۋە بىر خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاموژنا مەمۇرلىرى ئېفىيوپىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە بىر ئايروپىلاندا يولۇچىلارغا تارقىتىلىدىغان ئەدىيالنىڭ ئىچىگە ئالتۇن يوشۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان.

تاموژنا مەمۇرلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، قىممىتى 2 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق 60 كىلوگىرام ئالتۇننى قولغا چۈشۈرگەن.

ئامانلىقنى ساقلاش تارماقلىرى ئالتۇننىڭ خىتاي ۋە دۇبەيگە يوللاش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قولغا چۈشكەن بۇ ئەتكەس ئالتۇننىڭ كامېرون تارىخىدا بىرلا قېتىمدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەڭ كۆپ مىقدارلىق ئەتكەس ئالتۇن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

كامېروننىڭ ئاتلاس دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ سودا شەھىرى دوئۇلا ۋە ئۇنىڭغا يېقىن لىمبە شەھىرى، نېفىت، ئاليۇمىن ۋە ئالماستىن باشقا يەنە، كۆپ مىقداردا ئالتۇن زاپىسىنىڭ بارلىقى بىلەنمۇ تونىلىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر