ئافغانىستاندا سايلام مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاندا 28-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئەشرەف غېنىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىنى بولۇشقا نامزات كۆرسىتىلگەن ئەمرۇللاھ سالىھ سايلام خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشخانا، ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1244024
ئافغانىستاندا سايلام مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا 28-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئەشرەف غېنىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىنى بولۇشقا نامزات كۆرسىتىلگەن ئەمرۇللاھ سالىھ سايلام خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشخانىغا قىلىنغان قوراللىق ۋە بومبا ھۇجۇملىرىدا، 20 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 50 كىشى يارىلاندى.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، پايتەخت كابۇلدا ئەمرۇللاھ سالىھ نىڭسايلام خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشخانىسىغا بومبا ۋە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، ھۇجۇمدا 20 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 50 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەسكەرتىلىشىچە، ئەمرۇللاھ سالىھمۇ ھۇجۇمدا يارىلانغان بولۇپ، بىنادىن بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن.

ھۇجۇمغا، ھازىرچە ھېچقانداق كىشى ياكى تەشكىلات جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. ھۇجۇمدىن كېيىن چىققان ئېتىشىشتا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۈچ ھۇجۇمچىنى ئۇجۇقتۇردى.

پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى تۋىتتېردا ئەمرۇللاھ سالىھنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاندا 28-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى تۈنۈگۈن (28-ئىيۇل) رەسمىي باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر