خىتايدا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا مەيدانغا كەلگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 16 گە يەتتى.

1242013
خىتايدا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇيجو ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىگە قاراشلىق ليۇپەنشۈي يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 11 دىن 16 گە يەتكەن،  21 ئۆي ۋەيران بولغان، يوقاپ كەتكەن 30 كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى بولمىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە،  600 كىشىدىن تەشكىل تاپقان  ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يەر كۆچۈش ھادىسىلىرىنى قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر