مارك ئېسپېرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى رەسمىيلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن مارك ئېسپېرنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

1241126
مارك ئېسپېرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى رەسمىيلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتە پالاتا قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئېسپېرنىڭ مىنىستىر نامزاتلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى يىغىنىدا 8 گە قارشى 90 كىشىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىسنىڭ يانۋار ئېيىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىدىن كېيىن، پاترىك شاناھان 7 ئاي ئەتراپىدا مىنىستىر ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

دونالد ترامپ، 18 – ئىيۇندا پاترىك شاناھان «مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتلىقى»دىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ۋە بۇ قارارغا ئائىلىۋى سەۋەبلەر تۈپەيلى كەلگەنلىكىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر