شەرقىي قۇددۇستا بەزى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈۋېتىلدى

: ئىسىرائىلىيە قوراللىق كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا ئايرىش تېمىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان تىكەنلىك سىم توسۇقلارغا يېقىن ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ بەزى ئۆيلىرىنى ئۆرۈشكە باشلىدى.

1239883
شەرقىي قۇددۇستا بەزى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە قوراللىق كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا ئايرىش تېمىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان تىكەنلىك سىم توسۇقلارغا يېقىن ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ بەزى ئۆيلىرىنى ئۆرۈشكە باشلىدى.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرى بۈگۈن (22-ئىيۇل) ئەتىگەندىن باشلاپ شەرقىي قۇددۇسنىڭ سۇر باھىر رايونىغا جايلاشقان ۋادى ئەلھۇممۇس مەھەللىسىگە بارغان. ساقچىلار ئىسىرائىلىيە ئالىي سوتىنىڭ سۇر باھىر رايونىدىكى ئايرىش تېمىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان تىكەنلىك سىم توسۇقلارغا يېقىنلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆيلىرىنى ئۆرۈش قارارى چىققان پەلەستىنلىكلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇريى چىقارغان.

بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مەھەللە خەلقى بىلەن ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن. ھازىرغىچە ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلگەن.

رايوندىكى بەزى ئۆيلەرنى ئۆرۈش ئۈچۈن تەييارلىقلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى رايوندا قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان كۆپ قەۋەتلىك بىر بىنانى ئۆرۈش ئۈچۈن پارتلاتقۇچ قويغان.

ئىسىرائىلىيە ئالىي سوتى ئۆيكەن ئاي سۇر باھىردىكى بىنالارنىڭ ئايرىش تېمىنىڭ داۋامى بولغان تىكەنلىك سىم توسۇقلارغا يېقىنلىقى سەۋەبىدىن «بىخەتەرلىك تەھدىتى» پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆرۈۋېتىشكە ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۆي ئىگىلىرىگە 18-ئىيۇنغىچە بىنالارنى ئۆرۈش ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەن ئىدى. بەزى پەلەستىنلىكلەر قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان 10 بىنانى ئۆرۈشنى توختىتىش ئۈچۈن ئالىي سوتقا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئەزرى رەت قىلىنغان ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، ئىسىرائىلىيە سوتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ باشقا رايونلاردىمۇ نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈۋېتىلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر