كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن جايدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن جايدا پارتلاش يۈز بېرىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا 8 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 33 ئادەم يارىلاندى.

1239038
كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن جايدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Tolo News» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  مەنبەلەر، پارتلاشنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا كىرىش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئەسنادا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ئۇنىۋېرسىتېتقا يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىن كېيىن ئىككى ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كابۇل ساقچى ئىدارىسى ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، ۋەقەنىڭ رايونغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلىك ئۇسۇلدىكى بىر پارتلاتقۇچقا تايىنىپ سادىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر