ئاۋام پالاتاسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى چەكلەيدىغان قانۇننى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىككى قېتىم رەت قىلغان ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈچ قانۇن تەكلىپىنى تەكرار تەستىقلىدى.

1237666
ئاۋام پالاتاسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى چەكلەيدىغان قانۇننى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئېلىيون ئېنگېل (Eliot Engel) پالاتادا ئېلىپ بېرىلغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈچ قانۇن تەكلىپىگە بېلەت تاشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يەمەندىكى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار تەرىپىدىن تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقلىرىنى، بىراق يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگىمۇ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «رايوندىكى ھەمكارلىقىمىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز تەرىپىدىن قىلىنغان پۇقرالارنىڭ قەتلىئام قىلىنىشىغا كۆز يۇمىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. بېشىمىزنى بۇراپ پىرېزىدېنتنىڭ كونگرەگە كۈچ كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىمىزنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتى قىممەت قاراشلار نامىدا تىك تۇرمىسا، كونگرە تىك تۇرۇشى كېرەك، يەنى تۇرىدۇ» دېدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تۆت ۋەكىلىمۇ قوللىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوخشاش لايىھەنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان ترامپقا ئۈچىنچى قېتىم ئەۋەتىلىدۇ. قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان سىياسىتىگە كۈچلۈك قارشىلىق، دەپ قارالغان ئىدى.

 قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە، ئەل قائىدەگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلاردىن باشقا، يەمەندىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ياكى ئۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن بارلىق ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ 30 كۈن ئىچىدە چېكىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىۋاتقان ياردەملىرى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان كونگرەدە تالاش-تارتىش قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەلىرى 2018-يىلى دېكابىر ئېيىدا ۋە 2019-يىلى فېۋرال ئېيىدا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر