ئۇكرائىنا بىلەن مولدوۋا زېمىنلىرىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي (Vladimir Zelenskiy) بىلەن مولدوۋا باش مىنىستىرى مايا ساندۇ (Maya Sandu) كىيېۋدا كۆرۈشۈپ، زېمىنلىرىدا رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1234628
ئۇكرائىنا بىلەن مولدوۋا زېمىنلىرىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ مولدوۋانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنا بىلەن مولدوۋا رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ زېمىنلىرىدا بولماسلىقى ئارزۇسىدا بىرلىشىدۇ. فېدېراتسىيەلىشىش مەسىلىسىدىكى پىلانلارنىڭ دۆلەتلىرىمىزگە مەجبۇرىي تېڭىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ پايتەخت كىيېۋدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئورتاق ئاىبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنا بىلەن مولدوۋانىڭ ئىشەنچلىك شېرىك دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «ئۇكرائىنا مولدوۋانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشقا ۋە ترانسدىنيېستېر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدا ئاكتىپ رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

مولدوۋا باش مىنىستىرى ساندۇ مولدوۋانىڭمۇ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مولدوۋا 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، دىنيېستېر (Dinyester) دەرياسىنىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان ترانسدىنيېستېر (Transdinyester) ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مۇستەقىللىق ئېلانىدىن كېيىن، مولدوۋا بىلەن ترانسدىنيېستېر ئوتتۇرىسىدا باشلانغان قوراللىق توقۇنۇشلار، 1992-يىلى 22-ئىيۇلدا ئۇرۇش توختىتىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

مولدوۋا بىلەن ترانسدىنيېستېر ئوتتۇرىسىدا 1993-يىلى ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستىدا باشلانغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇچرىشىشلىرى ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا.

مولدوۋا ئىچىدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ب د ت غا ئەزا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن ترانسدىنيېستېرنىڭ، ئۆزىنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى، پارلامېنتى، ئارمىيەسى، ساقچى تەشكىلاتلىرى ۋە پوچتا سىستېمىلىرى بار.

مولدوۋا ترانسدىنيېستېر رايونىنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قوبۇل قىلىنىشىنى، رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ترانسدىنيېستېر بولسا، ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ئېتىراپ قىلىنىشنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر