ئافرىندا نېفىت ئاپتوموبىلى پارتلاپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە بومبا قاچىلانغان نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 11 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1234324
ئافرىندا نېفىت ئاپتوموبىلى پارتلاپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە بومبا قاچىلانغان نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 11 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئونلارچە پۇقرا يارىلانغان، پارتلاشتىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە ئېغىر ماددىي زىيان كېلىپ چىققان.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇمنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىننى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرىدىن تازىلىغانىدى. بىراق ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا قاراشلىق تەل رىفئەت رايونىدا مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئافرىنغا پات - پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر