ئامېرىكالىق مىلياردېر ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

كارىب دېڭىزى رايونىنىڭ باھامالار تەۋەلىكىدە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 7 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1230462
ئامېرىكالىق مىلياردېر ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باھامالار ساقچى تارماقلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، 7 نەپەر ئامېرىكالىقنى (ئامېرىكانىڭ) فىلورىدا ئىشتاتىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ، گراند كەي ئارىلىدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا رادارنىڭ كۈزىتىش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئالاقىدار خادىملار بىلەن يەرلىك ئاھالىنىڭ ئايروپىلاننىڭ ئارالغا 3 كىلومېتىرچە كېلىدىغان يەردە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، قازاغا ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 4 ئايال بىلەن 3 ئەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان مەزكۇر قازا ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ غەربىي ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا چىقىدىغان «The Register-Herald» گېزىتى، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بىرىنىڭ «كانچىلىق ساھەسىدىكى مىلياردىر تەشەببۇسكار»، «كۆمۈر شاھى» ۋە «ساخاۋەتچى» دېگەن ناملار بىلەن تونۇلغان سودا – سانائەتچى كرىس كلاين ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر