فىرانسىيەدە نەپرەتلىك ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشىش مەنئىي قىلىنىدۇ

فىرانسىيە پارلامېنتى ئىنتېرنېتتە نەپرەت، زوراۋانلىق ۋە ھاقارەت تۈسىنى ئالغان ئۇچۇرلارنى 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۇۋېتىشنى شەرت قىلىدىغان قارارنامىنى ماقۇللىدى.

1230927
فىرانسىيەدە نەپرەتلىك ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشىش مەنئىي قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قويۇشتا، قارارنامە 6 گە قاشى 31 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى، 4 پارلامېنت ئەزاسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قارارنامىگە ئاساسەن ئىنتېرنېتتە  نەپرەت، زوراۋانلىق ۋە ھاقارەت تۈسىنى ئالغان ئۇچۇرلارنى 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈۋېتىش شەرت ئىكەن، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار (شەخسلەر ۋە شىركەت قاتارلىقلار) غا 1.25 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە تەشۋىق قىلىدىغان ئۇچۇرلار، فوتو سۈرەتلەر ۋە ۋىدېئولارمۇ  «نەپرەت جىنايىتى» دائىرىسىگە كىرىدىكەن. فىرانسىيەدە ئىنتېرنېتتە بۇنداق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە تېگىشلىك بولغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى قارارنامە ئارقىلىق بىلدۈرۈلىدىكەن.

بۇ ئارىلىقتا،  فىرانسىيە پارلامېنتى Google، Apple، Facebook ۋە Amazon  قاتارلىق چوڭ – چوڭ شىركەتلەرنىڭ فىرانسىيەدە قولغااكەلتۈرگەن كىرىملىرىدىن باج تۆلىشى نىشان قىلىنغان قارارنامىنىمۇ قوبۇل قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، قارارنامە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشتىن بۇرۇن، پالاتا تەرىپىدىن ئاخىرقى قېتىم ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر