خالىد مەشئەل: <يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى> پەلەستىن ۋە قۇددۇسنىڭ سېتىلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن پاردۇر

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ سابىق سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى خالىد مەشئەل «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» گە قارىتا «ئەرەبلەرنىڭ پۇللىرى بىلەن رايونغا بېرىلگەن پاردۇر» دەپ باھا بەردى.

1225202
خالىد مەشئەل: <يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى> پەلەستىن ۋە قۇددۇسنىڭ سېتىلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن پاردۇر

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ سابىق سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى خالىد مەشئەل پەلەستىنگە زورلاپ تېڭىلغان ئاتالمىش «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» گە ۋە بەھرەيننىڭ پايتەختى مانامادا ئۆتكۈزۈلگەن «باياشاتلىق ئۈچۈن تىنچلىق» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى.  

پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاتالمىش «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» نىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خالىد مەشئەل، «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى گۇمانلىق ۋە زەھەرلىك بولۇشتىن باشقا يەنە، پەلەستىن ۋە قۇددۇسنىڭ سېتىلىشى ئۈچۈن ئەرەبلەرنىڭ پۇللىرى بىلەن رايونغا بېرىلگەن پاردۇر» دېدى.

خالىد مەشئەل باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«پەلەستىن خەلقى <قىزىل سىزىقىمىز> دەپ قارايدىغان ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرىغا بولغان ساداقەتلىرىنى قوغداپ كەلمەكتە ۋە بۇنىڭ سودا بويۇمىغا ئايلاندۇرۇلىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەققى، ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى سودا بويۇمىغا ئايلاندۇرغلى بولمايدىغان ئۆزگەرمەسلىرىمىزدۇر»

مانامادا تۈنۈگۈن باشلانغان ۋە بۈگۈن ئاخىرىلىشىدىغان «باياشاتلىق ئۈچۈن تىنچلىق» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئېلان قىلىشى كۈتىلىۋاتقان «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» پىلانى دائىرىسىدىكى تۇنجى پائالىيەت ئىكەنلىكى مەلۇم. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر