سابىق سېرب ئەسكەرگە قاماق جازاسى بېرىلدى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا سوت مەھكىمىسى سابىق سېرب ئەسكەرگە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت سەۋەبىدىن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

1224264
سابىق سېرب ئەسكەرگە قاماق جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا سوتى سابىق ئەسكەر سرېتكو پاۋىج (Sretko Pavic) نى 1995-1992 –يىللىرى ئارىسىدا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا سوتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، سرېتكو پاۋىجنىڭ 1992-يىلى سېرب ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ شىمالىغا جايلاشقان پرىجېدور (Prijedor) دا سېربتىن باشقا مىللەتلەرگە قىلغان سىستېمىلىق ھۇجۇملارغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، سابىق ئەسكەر پاۋىجنىڭ پرىجېدوردىكى بوشناقلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرىگە قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاۋىجنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايىتى ھەققىدىكى سوت بۈگۈن (24-ئىيۇن) ئېچىلدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى ئۇرۇش باشلانغان 1992-يىلى مارت ئېيىدا پرىجېدوردىكى 13 ساقچىخانىدا خىزمەت قىلغان 1775 سېرب ساقچى بىر ئاي ئىچىدىلا قوراللاندۇرۇلغان. سېرب قوراللىق قىسىملىرى 1992-يىلى 29-ئاپرېل كېچىسى ئەينى ۋاقىتتا نوپۇسنىڭ كۆپىنچىسى بوشناق بولغان پرىجېدور شەھىرىنى ئىگەللىۋالغان. شۇ يىلى 23-ماي پرىجېدور ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 102 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3176 ئادەمنى قىرغىن قىلغان. پرىجېدوردىكى تەخمىنەن 30 مىڭ پۇقرا ئومارسكا (Omarska)، كەراتېرم (Keraterm)، كوزاراج (Kozarac)، ترموپولژې (Trnopolje) ۋە مانژاجا (Manjaca) دىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان. ئونمىڭلارچە ئادەم تۇغۇلغان ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر