بودرۇمدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بودرۇم ناھىيەسى ساھىللىرىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر  ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 12 گە يەتتى.

1219970
بودرۇمدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ھۈسەيىن تۇمشۇقى» ئەتراپىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن، رايونغا كۆپ ساندا سىاھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى ۋە ئىككى ساھىل بىخەتەرلىك قولۋىقى، بىر ساھىل بىخەتەرلىك شۇڭغۇش ئەتىرىتى ۋە بىر ساھىل بىخەتەرلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئەۋەتىلگەن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە 31 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 12 كىشىنىڭنجەسىتى تېپىلغان، كۆچمەنلەرنىڭ تەخمىنەن 40 كىشى ئىكەنلىكلىرىنى مەلۇم قىلىشى بىلەن، 34 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى پاراخوتتىكى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر