بودرۇمدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بودرۇم ناھىيەسى ساھىللىرىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر  ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ 8 كىشى قازا قىلدى.

1219681
بودرۇمدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ھۈسەيىن تۇمشۇقى» ئەتراپىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن، رايونغا كۆپ ساندا سىاھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى ۋە ئىككى ساھىل بىخەتەرلىك قولۋىقى، بىر ساھىل بىخەتەرلىك شۇڭغۇش ئەتىرىتى ۋە بىر ساھىل بىخەتەرلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئەۋەتىلگەن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە 31 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 8 كىشىنىڭنجەسىتى تېپىلغان، كۆچمەنلەرنىڭ تەخمىنەن 40 كىشى ئىكەنلىكلىرىنى مەلۇم قىلىشى بىلەن، 34 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى پاراخوتتىكى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر