بودرۇمدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى.

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بودرۇم ناھىيەسى ساھىللىرىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر  ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى.

1219669
بودرۇمدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ھۈسەيىن تۇمشۇقى» ئەتراپىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن، رايونغا كۆپ ساندا سىاھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى ۋە ئىككى ساھىل بىخەتەرلىك قولۋىقى، بىر ساھىل بىخەتەرلىك شۇڭغۇش ئەتىرىتى ۋە بىر ساھىل بىخەتەرلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئەۋەتىلگەن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە 31 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ تەخمىنەن 40 كىشى ئىكەنلىكلىرىنى مەلۇم قىلىشى بىلەن، 34 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى پاراخوتتىكى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر