ئامېرىكا مېكسىكادىن %5 تاموژنا بېجى ئالىدۇ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لاتىن ئامېرىكالىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كېلىشىنى توختىتىش مەقسىتىدە، مېكسىكادىن%5 تاموژنا بېجى ئېلىشنى يولغا قويدى.

1211750
ئامېرىكا مېكسىكادىن %5 تاموژنا بېجى ئالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مېكسىكادىن %5 تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىنى تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا 10-ئىيۇندا مېكسىكادىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق مەھسۇلاتلاردىن %5 تاموژنا بېجى ئېلىشنى باشلايدۇ. بۇ مېكسىكا ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر ئېقىمى توختىغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ تاموژنا بېجى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەل قىلىنغىچە پەيدىن پەي ئېشىپ بارىدۇ، ھەل قىلىنغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مېكسىكاغا %5 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توختىتىش ئۈچۈن مېكسىكانىڭ ھېچنىمە قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ھەر ئاي %5 لىك تاموژنا بېجىنىڭ ئۆسۈپ ماڭىدىغانلىقىنى، 1-ئۆكتەبىردە بولسا %25 گە چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مېكسىكا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىمىنى توختاتقان تەقدىردە باجنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان قانۇنسىز كۆچمەنلەر توغرىسىدىكى ئېتىرازلىرىنى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا تام سوقۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. يېقىنقى كۈنلەردە بولسا، ئۇنىڭ مېكسىكا ھۆكۈمىتىگە قاراتقان ئۈستى يېپىق تەنقىدلىرى كۆپەيگەن ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى چارشەنبە (26-ماي) كۈنى تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئېل پاۋسو (El Paso) رايونىدا مىڭ ئەتراپىدىكى قانۇنسىز كۆچمەننىڭ تۇتۇلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ خىلدىكى چېگرادىن ئۆتۈشلەرگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر