خۇاۋېي ئامېرىكا سوتىغا ئەرز سۇندى

خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكانىڭ تېلېكوم پارچىلىرىنى سېتىپ بېرىشنى چەكلىگەن قارارىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ سوتقا ئەرز سۇندى.

1210546
خۇاۋېي ئامېرىكا سوتىغا ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش قانۇن مەسلىھەتچىسى سوڭ ليۇپىڭ ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ پلانو (Plano) شەھىرىدە سۇنغان ئەرزى دائىرىسدە، قارارنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە خىراجەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بېرىلگەن ھوقۇقنى، نورمال سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئىجرا قىلىشنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنكى» توغرىسىدا ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سوڭ ليۇپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېيغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت قوللىشى ئاستىدىكى ئېمبارگولارنىڭ، ئامېرىكانىڭ تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكادىكى سىياسەتچىلەر دۆلەتنىڭ پۈتۈن كۈچىنى يالغۇز بىر شىركەتكە قارشى ئىشلەتمەكتە. بۇ نورمال ئەمەس.»

ئەسكەرتىلىشىچە، سوت مەھكىمىسى بۇ ھەقتە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئەھۋالدا، دەۋانىڭ نەتىجىسى چىققۇچە مەمۇرىي قارارنى ئىجرا قىلش توختىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2019-يىلى 16-ماي (پەيشەنبە) تەستىقلىغان «ئۇچۇر-ئالاقە تېخنوگىيەلىرى ۋە خىزمەتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى قوغداش» ناملىق قارارنامە بىلەن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغان دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرىگە تېلېكوم ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ بېرىشىگە چەكلىمە قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر